باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرىدە قارا قۇيۇن چىقىپ، مۆلدۈر يېغىپ پەۋقۇلئادە زور ئاپەت كۆرۈلگەنلىكىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدا تەستىق سالدى

2016.06.24 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرىنىڭ فۇنىڭ ناھىيەسى بىلەن شېياڭ ناھىيەسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 23-ئىيۇن سائەت 14:00لەردە تۇيۇقسىز قارا قۇيۇن چىقىپ، مۆلدۈر يېغىپ ئېغىر ئاپەت يۈز بەردى، نۇرغۇن يېزا-بازار ئاپەتكە ئۇچراپ، نۇرغۇن شەخسىي ئۆي، زاۋۇت بىناسى، مەكتەپ سىنىپلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، قىسمەن يوللارنىڭ قاتنىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى. 23-ئىيۇن سائەت 21:30لارغىچە، 78 ئادەم قازا قىلدى، 500 ئادەم يارىلاندى.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بەردى. ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، گوۋۇيۈەندىن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى. پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش شۇنداقلا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئالاقىدار جاي ۋە تارماقلاردىن مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىپ ئالدىن مەلۇم قىلىش ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئادە زور تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ، ئادەم ئىزدەش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇشىنى ئىمكانقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرىشىگە ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلدى. خەلق ئىشلىرى مىنسىتىرلىقى باش بولۇپ گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر ئاساسلىق تاشقىن مەزگىلىدىكى تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان ئەھۋالغا قارىتا، جايلارنى چەكتىن ئاشقان ھاۋارايى قاتارلىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچراشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر