باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

2016.06.22 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئىيۇن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلاش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ ھارپىسىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ «خەلق جامائەت پىكرى گېزىتى» ۋە «زاخۇڭ» ئاگېنتلىقىنىڭ تور پونكىتىدە «جۇڭگو-ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپ ئۆزبېكىستاننىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. 2013-يىلى 9-ئايدا گۈزەل ئۆزبېكىستانغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بارغىنىمدا، بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مەدەنىيىتى، ئەمگەكچان، پاراسەتلىك خەلقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

  دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن پەسىلدە، زۇڭتۇڭ كەرىموۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆزبېكىستاندا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولىمەن ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشكەنتتىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمەن. بۇنىڭغا تولىمۇ تەقەززا بولۇۋاتىمەن.

  جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت خەلقى ئەمگەكچان، جاسارەتلىك، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان، ۋاپالىق بولۇپ، ئائىلە، دۆلەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئوخشاش. قەدىمىي يىپەك يولى 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئۈلگە ئېلىشتەك دوستلۇق پەردىسىنى ئاچتى. جۇڭگونىڭ غەربىي خەن سۇلالىسىدىكى جاڭ چيەن، ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى شۈەن زاڭ، مىڭ سۇلالىسىدىكى چېن چېڭ ئۆزبېكىستانغا ئەلچىلىككە بېرىپ ياكى ئۆزبېكىستاندىن ئۆتۈپ، نەۋائى، ئۇلۇغ بەگ، خارەزىمى قاتارلىق ئۆزبېكىستانلىق تارىخشۇناس، مەدەنىيەتشۇناس زاتلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىدىيەسىنى جۇڭگوغا تارقاتتى. جۇڭگو-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز ئارا قوشۇلۇشىدا ئۆزبېكىستان كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. نەچچە يۈز مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو، ئۆزبېكىستان بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئۆز ئارا يېقىن دوستلىشىشتەك ئىلغار ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستاننىڭ بۈگۈنكىدەك قوشنىلار ئارا دوستانە ئۆتىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر