باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.23 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا ئەلئارا سېلىنما سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ دوكلاتى ئاڭلىنىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن يېقىندا ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇردى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسى، تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ۋە مەمۇرىي ئىنىستىتۇتقا ھاۋالە قىلىپ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى باھالاتتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ چوڭ كۆلەمدە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، بولۇپمۇ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتى ئارقىلىق، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بازار سۇبيېكتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتكەن. لېكىن كۆزىتىش جەريانىدا قىسمەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر بايقالغان: قىسمەن قانۇن-نىزام، سىياسەتلەر يۈرۈشلەشمەسلىك، ماسلاشماسلىق، ئەمەلىيلەشمەسلىك؛ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت، پۇل تۆلەش يۈكى ئېغىر بولۇش؛ قىسمەن كادىرلار قىلىدىغاننى قىلماسلىق، نېمە قىلىشنى بىلمەسلىك، ئىشنى قالايمىقان قىلىش، ئاز ساندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر لەۋزىدە تۇرماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر