باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزونىڭ سىياسىي زوراۋانلىقىنى توسۇش مۇراجىئەت قىلىندى

2016.06.22 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەدىكى ئاساسلىق ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە باشلىقلىرى 21-ئىيۇن توكيودا ياپونىيە ئاممىسىنىڭ ئابې شىنزونىڭ سىياسىي زوراۋانلىقىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى كاتسۇيا ئوكادا مۇنداق دېدى: ئابې شىنزو ئىقتىسادشۇناسلىقى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. پۇل ۋە مالىيە سىياسىتىغىلا تايىنىپ ئىقتىسادنى مەجبۇرى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى ئاقمايدۇ. ياپونىيە كومپارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كازۇئوشى مۇنداق دېدى: ئاساسلىق ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار قىلىش، ئەل رايىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئابې شىنزو زوراۋانلىق سىياسىتى توسۇش، ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىككە كەلدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتيىسىنىڭ لىدىرى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو شۇ كۈنىدىكى مۇنازىرىدە ياپونىيەدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئابې شىنزو ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ مەغلۇپ بولمىغانلىقىنى ئاقلىدى. ئەمما ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر ئوتتۇرىغا قويغان ياپونىيەدە باي-نامراتلىق پەرقى چوڭىيىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن سوئاللارغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر