باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن شاڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2016.06.22 13:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 19-20-ئىيۇن شاڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىشەنچ ۋە قىممەت قارىشى جەھەتتىكى ئىشەنچىنى پۇختا تىكلەپ، غايە ئېتىقاد تەربىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. ليۇ يۈنشەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيە ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلىدى، كادىر ۋە ئاممىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش تېزگىنلەش ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى كۈندىلىك تەربىيەلەش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى ۋە «ئىككىدە ئىلغار بىردە ئالدىدا مېڭىش» بويىچە باھالاپ تەقدىرلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر