خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى) يېقىندا، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانسىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىسىنىڭ باغچى كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتتىكى ياشانغانلارنىڭ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنەلمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەنتكە تەكلىپ قىلغان ئۈرۈمچى ھەدىيە كۆز كېسەللىكىلىرى دوختۇرخانسىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆردى ھەم كۆز ساغلاملىقىدىن مەخسۇس تېببىي مەسلىھەت بەردى.
ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانسىنىڭ مەسئۇلى ھەدىيە ھاشىم خانىم بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە داۋالىنىشقا تىگىشلىك بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانسىدا ھەقسىز داۋالىتىدىغانلىقىنى ۋە ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بېرىش-كېلىش كىراسىنىمۇ تۇلۇق ھەل قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دېھقانلارنىڭ شارائىت يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن داۋالىنالماسلىق قىيىنچلىقىنى ھەل قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى