باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېڭشۈن شىركىتى فىنلاندىيە شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، بازار قىممىتى 10 مىليارد دوللارغا يارايدىغان تۇنجى ياۋروپا شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈردى

2016.06.22 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىنلاندىيە «پەن-تېخنىكا تۇرمۇش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ياپونىيەنىڭ Softbank شىركىتى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ قولىدىكى فىنلاندىيە Supercell شىركىتىنىڭ %72.2 پېيىنى 7 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا جۇڭگونىڭ تېڭشۈن شىركىتى باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىغا سېتىپ بەرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى يەنە باشقا يوللار ئارقىلىق Supercell شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىپ، گۇرۇھىنىڭ پاي ھوقۇق مىقدارىنى %84.3گە يەتكۈزدى. بۇ، فىنلاندىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەلگە شىركەت سېتىش سودىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سودا يەنە Supercell شىركىتىنىڭ بازار قىممىتىنى 10 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزدى. شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى IlkkaPaananen بۇ سودا يەنە ياۋروپادىكى بازار قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدىغان ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ فىنلاندىيەدە بىرىنچى بولۇپ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شىركەت باش ئىشتابى داۋاملىق فىنلاندىيەدە قالىدىغانلىقىنى، فىنلاندىيەنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر