باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر تەسىرىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

2016.06.22 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. 20-ئىيۇن سائەت 12گىچە، بورتالا شەھىرى، ئارىشاڭ ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، قورغاس شەھىرى، نىلقا ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، توققۇز تارا ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى قاتارلىق 17 ناھىيە، شەھەردە 62 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن 10 مىڭ 200 كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۇنجى بولۇپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلدى ھەم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىگە ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى؛ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇ جايدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت دەرھال ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە، شەھەر رەھبەرلىرى خەلق ئىشلىرى، يېزا ئىگىلىك، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى يېتەكلەپ، ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزا - بازارلارغا بېرىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، ئۆي، چارۋا-مال، لاپاس، جامائەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ يۇقىرىغا يوللاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى؛ ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئەل - ئاغىنىلىرىگە تايىنىش، قوشنىلار ئارا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى. چىڭگىل ناھىيەسى سەككىز چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 520 ئوفىتسېر-ئەسكەردىن خەتەردىن قۇتقۇزۇش زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، تۇغاننى جىددىي مۇستەھكەملىدى. شىخۇ شەھىرى 200 دىن ئارتۇق ئادەمدىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنى تەشكىللەپ، 20 نەچچە قېتىم ماشىنا ئاجرىتىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئاللىقاچان 2 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ، 606 چېدىر ئورۇنلاشتۇرۇپ،314 قۇر پاختىلىق كىيىم ۋە يوتقان تارقاتتى؛ ئۇن، گۈرۈچ سۇ يېغى، ئىچىملىك سۇ قاتارلىق تەخمىنەن 6 مىليون 817 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرىدىغان جايى، كىيىم-كېچىكى، يەيدىغان ئىسسىق تامىقى، ئىچىدىغان پاكىز سۈيى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر