- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلدى
2016.06.22 16:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەركىزى، پولشا ئۇچۇر ۋە چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ئىدارىسى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنى 20-، 21-ئىيۇن پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلدى. بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى بىلەن دۇنيا بانكىسى قاتارلىق 13 خەلقئارا تەشكىلات، 33 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 34 ئاقىللار ئامبىرى ھەمدە 100 دىن كۆپرەك كارخانا ۋەكىلى خەلقئارا تايانچى يولنى بىرلىكتە قۇرۇش، مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات گۈللىنىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىدىن ئىبارەت تۆت تۇردىكى ئاساسلىق تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر