باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈن چۈنلەن: دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار دېموكراتىك نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

2016.06.22 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى باشلاش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. سۈن چۈنلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى-پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش. خىزمەتنىڭ مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى توغرا تاللاش كېرەك، نازارەت قىلىش جەريانىنى ھەقىقىي ھالدا مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىغا، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان خىزمەت، ۋەزىپە ئېغىر، مۇناسىۋەتلىك دائىرە كەڭ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئەستايىل كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېقىندىن ماسلىشىشى، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر