باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن كۆرۈشتى

2016.06.22 09:16   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن19-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن پولشا پايتەختى ۋارشاۋاغا باردى. شۇ كۈنى كەچتە تەكلىپكە بىنائەن بېلۋىللېدې سارىيىدا مېھمان بولدى. شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن پولشاغا بارغاندا پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا ۋە ئايالى ئاگاتا ماشىنا توختىتىش ئورنىدا كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پولشانىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسى مۇستەھكەم، جۇڭگو-پولشانىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق. ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى دەل ئىككى تەرەپنىڭ چۈشىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. پولشا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقىي ياۋرۇپادىكى سەركەردە، جۇڭگو پولشا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 24–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرىدە 7461 كىشى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلەمسىز؟
    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى