باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىڭدوڭ «618» توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمى كۈنىدىكى زاكاز سانى 25 مىليوندىن ئاشتى

2016.06.22 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جىڭدوڭ، تيەنماۋ، سۇنىڭ قاتارلىق داڭلىق تور سودا سۇپىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى «قوش 11»دىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمى بولۇپ قالدى. 618 توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمىنىڭ باشلىغۇچىسى جىڭدوڭ سودا سارىيىنىڭ شۇ كۈنلۈك زاكاز مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشتى، سېتىش زاكازلىرى 25 مىليوندىن ئاشتى.

  جىڭدوڭ سودا سارىيى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىڭدوڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مال سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ 18-ئىيۇن كۈنىدىكى چۈشۈرگەن زاكار مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 17 ھەسسىسىچىلىك بولغان، 18-ئىيۇن سائەت 22گىچە، جىڭدوڭنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مال سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى تۈرىدىكى زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 20 ھەسسىسىچىلىك بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 18-ئىيۇن كۈنى جىڭدوڭ ئارقىلىق تۆلەنگەن سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %300 ھەسسە ئاشقان. 1-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە، جىڭدوڭ يېزا ئېلېكترونلۇق سودا زاكازلىرى تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولۇپ يېزا، كەنتلەردىكى كېڭەيتكۈچىلەر زاكاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بۇلتۇرنىڭ سەككىز ھەسسىسىچىلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، جىڭدوڭنىڭ ياردىمىدە چۈشكەن زاكاز بۇلتۇرنىڭ ئالتە ھەسسىسىچىلىك بولغان. «بىر كەنت، بىر ماركا، بىر دۇكان» ئەندىزىسىدىكى جىڭدوڭ جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى سارىيىدا 18-ئىيۇن بىر كۈندە چۈشۈرۈلگەن زاكاز مىقدارى بۇلتۇرنىڭ 10 ھەسسىسىچىلىك بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر