باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۈردى

2016.06.22 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىستىتىدىن ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى تۈۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرسىز، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئۆلچەمسىز، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئۈنۈمسىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قەدەر روھسىز ھالىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەتراپلىق ئەھۋال ئىگىللەپ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۈرۈپ، ساخاۋەتچى زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەمىمىي نىيىتى بىلەن كەنت ئاممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

  ئىئانە توپلاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرىسىتىتىنى پۈتكۈزگەن ساخاۋەتچى زات خەن شۈن ئانا مەكتىپىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تۈۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىگە 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپكە 200 مېتىرلىق زامانىۋى، ئۆلچەملىك چىملىق مەيدان ياساپ بېرىدىغانلىقى، مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئوموميۈزلۈك ياخشىلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر