باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«يېپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرى 2016-يىللىق يىغىنى» ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.22 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەنى تەرەققىيات-تەتقىقات مەركىزى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىجىل تەرەققىيات مەركىزى، پولشا ئۇچۇر ۋە چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ئىدارىسى ھەم ب د ت تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «يېپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرى 2016-يىللىق يىغىنى» 20-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «<بىر بەلباغ، بىر يولنى> ئورتاق قۇرۇپ، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» بولدى. ب د ت

  تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق 13 خەلقئارا تەشكىلات، 33 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 34 ئاقىل ئامبىرى ۋە 100دىن ئارتۇق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى خەلقئارا غول لىنىيەنى ئورتاق قۇرۇش، مەبلەغ سېلىش-قۇبۇل قلىش يېڭى مېخانىزمىنى ئورتاق يارىتىش، سىجىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك قارالمىدا مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك يېپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرى 2014-يىلى 12-ئايدا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن، 2-نۆۋەتلىك مۇنبەر 2015-يىلى 10-ئايدا ئىسپانىيەنىڭ مادرېدتا ئۆتكۈزۈلگەن.

  مۇنبەر ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاقىل ئامبارلىرىنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېپەك يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەر ئۇلىنىش، سودا راۋان بولۇش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى قاتلاملار پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر