دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن پولشا زۇڭتۇڭى دۇدانىڭ ۋارشاۋادىكى سارىيىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق كەچلىك كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
كەچتىكى ۋارشاۋا سارىيىدا چىراغلار يېنىپ گۈللەرگە پۈركەندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يېتىپ بارغاندا دۇدا ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئاگاتا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
كەچلىك زىياپەت باشلانغاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن پولشانىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇندىدى. ئارقىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پولشا مول شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، خەلقى قىزغىن ۋە مېھماندوست، دۆلىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. جۇڭگو بىلەن پولشا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق مۇددەتلىك. ئىلگىرى 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە پولشانىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇچقۇچىسى گېنېرال ئۇربانوۋېچ جۇڭگودا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، دوختۇر فۇرادو شۇنچە يىراقتىن جۇڭگوغا كېلىپ بىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىمىزنى قوللىغان. پولشا تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە نۇرغۇن ياردەم ۋە مەدەت بەرگەن، جۇڭگو خەلقى بۇنى قەلبىدە مەڭگۈ ساقلايدۇ. جۇڭگو پولشا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو پولشا بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر ۋە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىستراتېگىيەلىك بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پولشانىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.
دۇدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پولشا بىلەن جۇڭگونىڭ گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ئەمما دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن. 21- ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پولشا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. پولشا دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىلانىنى جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن باغلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. پولشا جۇڭگو ھەمكارلىقىمۇ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە شوبىرت پىيانىنو مۇزىكا كېچىلىكىدىن ھۇزۇرلاندى.