خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) 17 -ئىيۇن، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چەرچەن بازىرىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ناھىيە بەرپا قىلىش بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە چەرچەن بازىرى تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتى كادىرلىرى ۋە <<ئۈچ ئەل>> خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كوماندا بويىچە 24 ماھىر قاتناشتى. مۇسابىقىدە ماھىرلار كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، جاھانباغ ئاھالىلەر كومىتېتى كوماندىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
سۈرەتتە: زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى