خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇن، سىئول پويىز ئىستانسىسىدا، كورىيە ئاممىسى كورىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرمەكتە. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 22-ئىيۇن كورىيە بىرلەشمە باش ئىشتابىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن شۇ كۈنى سەھەردە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ۋونسان ئەتراپىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن، بىراق پەرەز قىلىنىشىچە سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى