باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تەبىئەت» ژورنىلى 10 نەپەر «جۇڭگو ئىلىم-پەن يۇلتۇزى»نى تاللاپ چىقتى

2016.06.22 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ تور نۇسخىسى 20-ئىيۇن ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە تەھرىرلىرى جۇڭگونىڭ 10 ۋەكىللىك ئالىمىنى تاللاپ چىقتى. بۇ ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم تەسىر پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

  جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قارىتا، دۇنياغا داڭلىق بۇ ئىلمىي ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرى فېلىپ كەمبېل زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئىلىم-پەن ساھەسىگە سالغان سىجىل سېلىنمىسى مول نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلدى، كەلگۈسىدە ئەگەر جۇڭگو داۋاملىق مۇستەقىل ۋە ئىجادىي بولغان ئىلىم-پەن تەپەككۇرىنى ئىلھاملاندۇرالىسا ھەم ياش ئالىملارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بەرسە، ئۇنداقتا جۇڭگو «ئىلىم- پەندە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوڭ پۇرسىتى بار بولىدۇ»، دېدى.

  دىققەتنى تارتىدىغىنى، تۆت ئايال ئالىممۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى بىيولوگىيە ۋە ئېرسىيەت ئىلمى ساھەسىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر