خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسىدىكى سېتىۋېلىنىدىغان 2016-يىللىق يازلىق ئاشلىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 17-ئىيۇن ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ناھىيەدىكى ھەرقايسى ئاشلىق سېتىۋېلىش ئورۇنلىرى، پونكىتلىرىدىكى ئۆلچەم ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بۇغداينىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۈسكۈنە ۋە تارازا قاتارلىق 16دانە ئۆلچەم ئۈسكۈنىلىرىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى، لاياقەتسىز چىققانلىرىنى ئىشلىتىشتىن تۇختىتىپ، 2016-يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ ئادىل، سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى
سۈرەتتە: تەكشۈرگۈچى خادىملار 17-ئىيۇن ناھىيەلىك «ئالتۇن باشاق» ئاشلىق شىركىتىدە ئۆلچەم ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى