خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجى ئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى» بويىچە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ «قوش تىل» مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
دەسلەپكى ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئارقىلىق تاللانغان 66 ياش-ئۆسمۈر مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئۇلار يەسلى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە «قوش تىل» ۋە ئانا تىل ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، نۇتۇق سۆزلەش، ئۇنىۋېرسال سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، نەق مەيداندا رەسىمگە قاراپ چۈشەنچىسىنى سۆزلەش ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ «قوش تىل» ئۆگىنىش ئەھۋالىنى، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال تالانتىنى نامايان قىلدى.
باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەستايىدىل نومۇر قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، ئاخىرىدا «قوش تىللىق گۆھەر»دىن 10نى، «قوش تىللىق بالا»دىن 10نى، «قوش تىللىق ئۆسمۈر»دىن 10نى ۋە «قوش تىللىق ياش»تىن 10نى باھالاپ چىقىلىپ مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن بىر كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى