- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 24–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ
2016.06.21 15:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، نومۇر رىتى 24 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 19:00(بېيجىڭ ۋاقتى)دە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ۋە باشقا تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.
ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى(www.xjedu.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى(www.xinjiang.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى تورى(www.xjzs.edu.cn)، شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ›› تورى(www.ts.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ‹‹قۇياش نۇرى›› ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(xjgk.xjedu.gov.cn) قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە كىرىپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىنمۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىكەن.
ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا 25 – ئىيۇندىن 30 – ئىيۇنغىچە ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر