خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 14-قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىسى باشلاندى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا كۆكخوت جۇڭيۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. گەرچە 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە كەسكىن مۇسابىقىلەشكەن بولسىمۇ، بىراق ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، مۇسابىقە 0 : 0 نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككى تەرەپ بىردىن نومۇر ئالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى