خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئىيۇن بۇخاراغا كېلىپ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەم تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق تارىخ ئۇزۇن. بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەت خەلقى بىرلىكتە ئۇلۇغ يىپەك يولىنى ئېچىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستاننىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك ئېلىشتەك تارىخىنى ياراتتى. ھازىر، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. زۇڭتۇڭ كەرىموۋ بىلەن جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل لايىھەسىنى ئورتاق پىلانلاپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىغا 15 يىل بولغان باشلىقلار يىغىنىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى