خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سورتلۇق قوغۇن داڭلىق ماركا تونۇشتۇرۇش يىغىنى قومۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 گە يېقىن كارخانا ۋەكىلى ۋە 50 نەچچە تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.
2016-يىلى، قۇمۇل شەھىرى ھەدىيە قوغۇنى ماركىلىق قوغۇنلارنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى 10 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى»تىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ماركا بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قوغۇن كەسپىي ماركىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئېتىز تورى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش، پۈتۈن مۇساپىلىك سانلىق مەلۇمات سۈرۈشتۈرۈش، قۇمۇل قوغۇنى «توردا شەخسىي زاكاز قىلىش» ئارقىلىق داڭ چىقىرىپ، قوغۇن سېتىش دائىرىسى 11 دۆلەت ۋە رايون، دۆلىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) نى قاپلاپ، تور سودىسى ئارقىلىق قۇمۇل قوغۇنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى