خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن، تۈركىيە كوماندىسى ئەزاسى يىرماز مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە. شۇ كۈنى فىرانسىيەنىڭ لېنستا ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىنىڭ D گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە كوماندىسى نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن چېخىيە كوماندىسىنى يەڭدى.
21-كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە، چېخىيە كوماندىسى ئوخشاشلا ئىككى توپ كەينىدە قالغان بولسىمۇ، بىراق يېتىشىۋېلىشقا كۈچى يەتمەي، ئىككىدە نۆل نەتىجە بىلەن تۈركىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئاخىرى ئۈچ مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئاران بىر نومۇرغا ئېرىشىشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدا ئارقىدىن بىرىنچى بولۇپ، بۇ قېتىملىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.
يەڭگەن تۈركىيە كوماندىسى ئۈچ نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا ئۈچىنچى بولدى، تۈركىيەنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش-چىقالماسلىقى E گۇرۇپپا ۋە F گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقە نەتىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى