باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنى كۆزدىن كەچۈردى

2016.06.22 13:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى تەۋرىنىشنىڭ بىر قەدەر زور بولۇۋاتقانلىقى، ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە قارىتا، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان مەملىكەت ئىچىدە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، بانكىچىلىك مۇقىم ساغلام ھەرىكەتلەندى، كاپىتال بازىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەر تەدرىجىي ئۈنۈملۈك ھەل بولدى، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ھەرىكەتلەندى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسەن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، ئەمما شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يېتەرسىز بولماقتا، مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى رايون ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مۇقىم ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى قاتارلىقلارغا ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جانلىقلىق ۋە قاراتمىلىقنى كۈچەيتىپ، ئالدىن تەڭشەش مىكرو تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاش، پەرقلەندۈرۈلگەن پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بولۇپمۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قوللاش، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتتىكى يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىشتىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەدەت بېرىش كېرەك. كارخانىلار بولۇپمۇ كىچىك مىكرو كارخانىلار، پۇقراۋى ئىگىلىكتە مەبلەغ جۇغلاش تەس بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ جۇغلاش جەريانىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئازايتىش، باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەق يىغىشنى ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا ماس كېلىدۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، «ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى»، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت ئاسراش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر