باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا زەھەر تېز يامراپ، زەھەر مەسىلىسى ئەھۋالى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ مەزگىلگە كىردى

2016.06.22 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى بىرلىكتە بېيجىڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بېيجىڭدا زەھەر تېز يامراپ، زەھەر جىنايىتى كۆپ يۈز بېرىپ، زەھەر مەسىلىسى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەشنىڭ ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرگەن. زەھەر مەسىلىسى ئەھۋالى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، 2015-يىلىدىن بۇيان، شەھەر بويىچە 2800 زەھەر جىنايىتى دېلوسى پاش قىلىنغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، 240 نەچچە كىلوگرام ھەر خىل زەھەر قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر