خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى 25- ئىيۇن قەشقەر شەھىرىدە باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەر شەھىرى يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھەر ساھەدىكى مېھمانلار ئۈچۈن گۈزەل، ئازادە، پاكىز، چىرايلىق شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلدى.
سۈرەتتە: يەرمەنكە ئۈچۈن ياسانغان قەشقەر شەھەر كوچىلىرى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى