- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قورالنى كونترول قىلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىمىدى
2016.06.22 13:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 20-ئىيۇن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تاپشۇرغان قورالنى كونترول قىلىش تۆت تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلىدى، بىراق تۆت تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنىڭ ھەممىسى ماقۇللانمىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېقىندا، ئورلاندودىكى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى قاتىل ئۆمەر مارتىننىڭ 2013-يىلى ئەسەبىي سۆزلىرى سەۋەبلىك تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى كۆزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مارتىننىڭ دىلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن بىر تاپانچا ۋە بىر يېرىم ئاپتوماتىك قورالنى قانۇنلۇق سېتىۋالغانلىقى كۆرسىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر