- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋېنگىرىيە ي ئە ئى نى ئالبانىيەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىش سۆھبىتىنى باشلاشقا دەۋەت قىلدى
2016.06.22 16:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋېنگىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى سىيارتو 21-ئىيۇن بۇداپىشتتا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئالبانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇساد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ۋېنگىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنى ئالبانىيەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىش سۆھبىتىنى باشلاشقان دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىيارتو مۇنداق دېدى: غەربىي بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ۋېنگرىيەنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئالبانىيە بۇنىڭدا ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇقىم ۋە تىنچلىققا ئەڭ تېز ئۆتۈشنىڭ ئالدىدىكى يولى مەزكۇر رايوندا ياۋروپا بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي بالقان رايونىدا كېڭىيىشىنى قوللايدۇ. بۇساد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالبانىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىش ئۇچۇن تىرىشماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋېنگىرىيەنىڭ قوللىشىنى قارشى ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر