باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەدىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىش ۋە ئايرىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەڭلىشىپ قالغان

2016.06.22 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 21-ئىيۇن چۈشكىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىش ۋە ئايرىلىشنى قوللاش نىسبىتى تەڭلىشىپ قالغان. تايمىس گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %44 كىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %42 بولغان.

  ئەنگلىيە 23-ئىيۇن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىش ياكى ئايرىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 21-ئىيۇن باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئالدىدا ئون مىنۇت سۆز قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىشنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشانغان ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى ئويلاپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قىلىشنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر