باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۇزۇن سەپەر-7» تىپلىق قاچىلىغۇچى ۋە توشۇغۇچى راكېتا 25-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە پەيت تاللاپ قويۇپ بېرىلىدۇ

2016.06.23 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 22-ئىيۇن جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئۇزۇن سەپەر-7» تىپلىق قاچىلىغۇچى ۋە توشۇغۇچى راكېتا 25-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا پەيت تاللاپ قويۇپ بېرىلىپ، تۇنجى قېتىملىق سىناپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

  22-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە، توشۇغۇچى راكېتا ۋە يۈك كۆتۈرۈش بىرىكمە گەۋدىسىنى ئېلىپ ماڭغان ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش سۇپىسى قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ تىك قوراشتۇرۇپ سىناق قىلىش ئۆيىدىن چىقىپ، ئۈچ سائەت سىلىق ماڭغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىش جازىسىغا بىخەتەر يۆتكىلىدۇ. تونۇشتۇرىلىشچە، «ئۇزۇن سەپەر-7» تىپلىق قاچىلىغۇچى ۋە توشۇغۇچى راكېتا ۋە يۈك كۆتۈرۈش بىرىكمە گەۋدىسى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە مەھسۇلاتلىرى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن، قويۇپ بېرىش مەشغۇلات تەرتىپىنى ئۇچۇش ۋەزىپىسى بويىچە سىناپ، ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇپ سىناش قاتارلىق تېخنىكا رايونىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن تاماملىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر