باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا

2016.06.22 15:28         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رامىزان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئالاقىدار تارماقلار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، توك، سۇ، تازىلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە زور خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، رامىزاننىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يۈەن خۇسۇن بازىرى سەن گوڭخۇ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمام ئاخۇنى ياڭ جيې مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى كەچتە ناھىيە، يېزىدىن چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر، تەۋەلىك رايون ساقچىسى بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىپ، دىنىي پائالىيىتىمىزنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

  خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم يېزا - بازار، كەنتلەر يەنە مەخسۇس ئاپتومۇبىل ئاجرىتىپ، ياشىنىپ قالغان، ساقسىز دىنىي زاتلارنى دىنىي پائالىيەتلەرگە ئاپىرىپ - ئەكەلدى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى باي مەھەللە كەنتى باي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىمىن توختى تۇردى مۇنداق دېدى: بەزى يېشى چوڭ كىشىلەرنى كەنتتىكى خىزمەتچى - خادىملار ئاپىرىپ - ئەكىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولغاچقا، كۆڭلىمىز خاتىرجەم تۇرۇۋاتىدۇ.

  رامىزان مەزگىلىدە، قەشقەردىكى تېنچ - خاتىرجەملىك كىشى قەلبىنى ئىلىتتى. قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ مۇئاۋىن خاتىپى ئابدۇقادىر ساۋۇت مۇنداق دېدى: بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى - ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھۆكۈمەت خادىملىرى دائىم مەسچىتكە كېلىپ بىزدىن ھال سوراپ تۇردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى ۋە ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق.

  ئۈرۈمچى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارغا ھال سوراش پۇلى ئاپىرىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئىلھامجان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى رامىزاندا، بىز دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما نورمال ئىبادەت قىلىۋاتىمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى روزا تۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر