باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى 1 مىليون 332 مىڭ مو كېۋەزنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولماقتا

2016.06.23 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمىرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل ئاۋات ناھىيەسىدىكى پاختىكار دېھقانلار مۆلدۈر، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېۋەزلىكلەرنى ئىلمىي باشقۇرۇپ پەرۋىش قىلغانلىقتىن، 1 مىليون 332 مىڭ مو كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولماقتا.

  ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىسى دولان كەنتىدىكى ئەركىن ئەمەتنىڭ 6 مو كېۋەزلىكى بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، كېۋەزلىرىنىڭ يۇپۇرماقلىرى سولىشىپ قېلىش ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان ئىدى. دېھقانچىلىق تارماقلىرىدىكى تېخنىكلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، كېۋەزلىرىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ تۈجۈپىلەپ باشقۇرغانلىقتىن، كېۋەزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆسۈش ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

  دولان يېزىسىنىڭ دولان كەنتىدىن ئەركىن ئەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەتىياز ناھايىتى ياخشى كەلگەن بولسىمۇ، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشلىرى ناھايىتى كۆپ يۈز بەردى. بىز تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە يوقىرى تېمپېراتۇرا، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېۋەزلەرنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنى ئۆگىنىۋالدۇق. ھازىر كېۋەزلىرىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ، مول ھوسۇل ئېلىشىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.

  بۇ يىل ئاۋات ناھىيەسى كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېۋەزنى تېمىتىپ سوغىرىش تېخىنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، تۇپراقنى رېتسىپ بويىچە ئوغۇتلاش، تۈرلۈك ھاۋا رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىلغار زامانىۋىي تېخىنىكىلارنى قوللاندى. بۇ ناھىيە سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقىنى تاللاش، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىش، پەرۋىش قىلىش، تېخنىكلارنى تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىش، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىنقى، ئوتتۇرا، كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى ئۇچۇر مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېۋەزدىن مول ھۇسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر