خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر دەرۋازىسىدا بۇ يىل 4- ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:30 دا قەدىمىي شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغاندىن بۇيان، 6- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 50 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ ئەنئەنىۋى پائالىيەتتىن بەھر ئالدى.
سۈرەتتە: 22- ئىيۇن، بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى كۆرمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى