باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى ۋە قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 45 خىل نۇقتىلىق نەشر بۇيۇمى چىقىرىلىدۇ

2016.06.24 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو -كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېمىسىدىكى نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرى ئىسىملىكى يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، 45 خىل نۇقتىلىق نەشر بۇيۇمى نامزاتلىققا كىرگۈزۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈركۈم نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، زور مىقداردىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلەر قوبۇل قىلىنغان. مەسىلەن: «شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ئوقۇشلۇقى (2016-يىلى نەشرى)» بار. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەزمۇنى ئىلمى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلەپلىرى ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺗﻮﻏﺮا، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەسى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىللىقى»نى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى ئالتە يىل سەرپ قىلىپ تۈزۈپ چىققان، پارتىيە ئومۇمىي تارىخى ئاساسلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق تارىخىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر