باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى»نى ئېلان قىلدى

2016.06.24 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقى بىلەن «2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى»نى ئېلان قىلدى، پىلاندا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تەنتەربىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش يېڭى كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «پىلان» دا مۇنۇلارنى بەلگىلەندى: 2020-يىلىغىچە، ئاممىنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشىغا بولغان تونۇشى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ، تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن كۆپرەك چېنىقىدىغانلارنىڭ سانى 700 مىليونغا، دائىم چېنىقىدىغانلارنىڭ سانى 435 مىليونغا يېتىدۇ. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەربىيەسى، ئىقتىساد، جەمئىيەت قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ۋەزىيەت ئاساسەن بەرپا قىلىنىدۇ، تەنتەربىيە ئىستېمالى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىچكى تەلەپكە تۈرتكە بولىدىغان ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر