باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پەرۋىشكارى

− تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەخەمجان قۇربان توغرىسىدا

2016.06.24 16:33   مەنبە: خەلق تورى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پەرۋىشكارى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۆمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد، گۈلنىسا مۇھەممەد خەۋىرى، فوتوسى) تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەخەمجان قۇربان يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، داۋالاش ئەترىتىنى باشلاپ 44 -، 49 -، 50 -، 51 - تۇەن - مەيدانلارنىڭ ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا سەھىيە ۋە مەدەنىيەتنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈش ئىشلىرى بىلەن باشقىچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي دوختۇر بولۇش

  مەخەمجان قۇربان 1999 - يىلى شىخەنزە تېببىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئانا يۇرتى بولغان سابىق 52 - تۇەنىگە قايتىپ كېلىپ 12 - ليەننىڭ سەھىيە خادىمى بولدى ھەم ئاساسىي قاتلامدا ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، 2001 - يىلى تۈەن - مەيدان دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ كەلدى. مەخەمجان كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا، دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە خەنزۇ تىلىدا تولىمۇ قىينالدى، بولۇپمۇ ئۇ تېببىي كەسپىي خەنزۇ تىلىنى دېگەندەك چۈشىنىپ كېتەلمەيتتى، شۇڭا گاھى كۈنلىرى ئۇ يازغان كېسەل تارىخىنى باشقىلار كۆرۈپ چۈشىنەلمەي قالاتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي خەنزۇ تىلى ۋە يېزىق جەھەتتىكى بۇ خىل قىيىنچىلىق ئۇنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا زور تەسىر يەتكۈزگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ، كۈنسېرى جىمغۇرلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان خۇاڭ پىڭ دوختۇر ئۇنىڭغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تولۇق چۈشەنگەچكە، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشنى ئۈستىگە ئالدى. 2004 - يىلى 1 - ئايدا، تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى قۇرۇلغاندا، مەخەمجان قۇربان قاتارلىق 11 تايانچ دوختۇر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن تاللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا تۆت ئايلىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يېتەكچى دوختۇر بىلەن ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە، ھەرقانداق چاغدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوپېراتسىيەلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇردى. ئۇ تەربىيەلىنىشنى تۈگىتىپ تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىدىكى بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ قالدى.

  زىيارەت داۋامىدا ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەن كەسپىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، ئۆزۈم داۋالىغان ھەر بىر بىمارنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمىنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.

  ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش

  تۇمشۇق شەھىرى كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن جايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بىڭتۇەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەخەمجان قۇربان شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ ئىشلەۋاتقان بۇ دوختۇرخانىدا خەنزۇ دوختۇر - سىستېرا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ %85نى ئىگىلەيدۇ، مەخەمجان قۇربان دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش بىخەتەرلىكى، داۋالاش سۈپىتى، دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل.

  دوختۇرخانىدا خەنزۇ دوختۇرلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت بىمارلىرى ئارىسىدا دائىم ئاۋارىچىلىق يۈز بېرىپ تۇراتتى، مەخەمجان قۇربان ھەر كۈنى ئىشخانا، كېسەلخانا ۋە ئامبۇرلاتورىيە ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەرجىمانى ھەم يۆلەنچۈكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ راۋان پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، كېچە سائەت 2دىن ئاشقاندا، تۇغۇت بۆلۈمىگە بىر نەپەر قانسىراپ كەتكەن بىمار كەلدى، بىمارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى. بىمارنىڭ قان تىپى HR مەنپىي تىپ (يەنى: مۈشۈكئېيق قان تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لىق بولۇپ، تۇمشۇق شەھەرلىك قان پونكىتى ۋە مارالبېشى ناھىيەلىك قان پونكىتىدا بۇ خىل قان پىلازمىسى يوق ئىدى، بىمارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا دوختۇرخانا ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمارنىڭ بىرگە كەلگەن ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى بىر ئېغىزمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغان بولغاچقا، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندا، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دەرھال مەخەمجان قۇربانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەخەمجان قۇربان دەرھال دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى - دە، بىر تەرەپتىن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كېڭەشتى ھەم دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇر - سىستېرالار ۋە ئەتراپىدىكى دوست - بۇرادەرلەرنى بىمارغا قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئۇنىڭ بىر مەھەل تەرەپ- تەرەپتىن ئالاقىلىشىپ ئىزدىنىشى ئارقىسىدا، ئاخىرى HR مەنپىي تىپلىق قان تېپىلىپ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىندى.

  مەخەمجان قۇربان خىزمەتتە دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇر - سىستېرالارنىڭ ئۆلگىسى ۋە كۆپچىلىكنىڭ «تەڭشىكى». ھازىر بۇ دوختۇرخانىدىكى مەيلى خەنزۇ ياكى ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلەر بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا ئۇنى ئىزدىشىدۇ، ئۇمۇ ئۇلارنىڭ دەرد - ھالىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئىشنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئامال - چارىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  مەخەمجان قۇربان ۋە ئۇنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن «ئاكىسى»

  2011 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇخانسىدىن تۆت نەپەر تېببىي خادىم تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى باشلىدى. بۇ ياردەم مەخەمجان قۇرباننى تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا ئۇ نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئۇلار بىلەن دائىم بىرگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار تېخنىكا ماھارەتلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن ياردەم بەردى ۋە كۆڭۈل بۆلدى. نەتىجىدە، ئۇ تېزلا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ يېقىن «تۇغقىنى» بولۇپ قالدى، ئۇلار كۆپ كۆرۈلىدىغان، بىر قەدەر قىيىن بولغان ئوپېراتسىيەلەرگە دائىم مەخەمجان قۇرباننى بىرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى ۋە ماھارىتىنى ئۆگىتىپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سۈي مىن بىر يىلدىن كۆپرەك نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا، ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن قويۇق قېرىنداشلىق - دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ قايتىپ كەتتى.

  2014 - يىلى 5 - ئاي. گۇاڭجۇ ئايرودۇرۇمىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. سۈي مىن تىت-تىت بولغان قىياپەتتە تۇرۇپ - تۇرۇپ سائىتىگە قارايتتى. ئۇنىڭ ئەس - يادى بۇگۈن شىنجاڭدىن كېلىدىغان «ئىنىسى»دە بولۇپ، ئۇ ئەشۇ شىنجاڭلىق قېرىندىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا چىققان ئىدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي چىقىش ئېغىزدىن مەخەمجان قۇرباننىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى. ئىككىيلەن بىر مەھەل قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ ھال ئەھۋال سورىشىپ كەتتى. كېيىن سۈي مىننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەر تەرەپتىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، مەخەمجان قۇربان جۇخەي شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تۆت ئايلىق ئۆگىنىش ۋە زىيارىتىنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتتى.

  ئاۋام قەلبىدىكى دوختۇر

  2014 - يىل 3 - ئايدا، 70 ياشتىن ئاشقان زەينىخان يۈسۈپ بۇ دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسىتىشكە كەلدى، بىمارنىڭ ئون نەچچە كۈندىن بۇيان قورسىقى كۆپۈپ، يېگەن تامىقى زادىلا سىڭمىگەچكە، بەدىنى ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەنىدى. مەخەمجان قۇربان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا «ئۈچەي تۇبېركۇليوزى» دەپ دىياگنوز قويۇپ، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بىمارنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەستە ئۆتكۈزەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك ئوپېراتسىيە ھەققىنى تاپشۇرۇشقا پەقەتلا قۇربى يەتمەيتتى. مەخەمجان قۇربان بىمارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانا رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىمارنى ئاۋۋال ئوپېراتسىيە قىلىشنى قارا قىلدى. زەينىخان يۈسۈپ كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا مەخەمجاننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: رەھمەت سىلىگە، سىلى مېنىڭ ھەقىقىي شەپقەتچىم، - دەيدۇ.

  2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، قار ئۇچقۇنداپ تۇراتتى. ئۇشتۇمتۇت مەخەمجاننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئەنسىز چېكىلدى، كۆڭلى قانداقتۇر بىر ئىشنى تۇيغان مەخەمجان ئىتتىك بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئىشىك ئالدىدا ئالتە ياشلار ئەتراپىدىكى بالىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر ئايال سوغۇقتىن دىرىلداپ تىترىگەن ھالدا تۇراتتى، مەخەمجان دەرھال ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئانا - بالىنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىن 50 - تۈەنگە تۇغقان يوقلاشقا كەلگەنلىكىنى، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلمىگەچكە يولدىن ئېزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا قىزىق چاي دەملەپ بەرگەچ 50 - تۈەن بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارىلىقىنىڭ 20 - 30 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى، ھازىر يوللارنى ئوڭشاۋاتقان بولغاچقا، بۇنداق كېچىدە يول يۈرۈشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇلارنى مەنزىلگە قانداق يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ ۋە ئۇشتۇمتۇت ھېلىقى ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنىڭ مەڭزىنىڭ باشقىچە قىزىرىپ كەتكەنلىكىگە كۆزى چۈشىدۇ-دە، ئىختىيارسىز ھالدا بالىنىڭ پىشانىسىنى تۇتىدۇ. دەرۋەقە، ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ھېلىقى بالىنىڭ قىزىتمىسى 39.2 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال ئانا - بالا ئىككىيلەننى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىككىنچى كۈنى بالىنىڭ قىزىتمىسى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بىلەن 50 - تۈەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قويىدۇ.

  ھېلىقى ئايال تەسىرلەنگەن ھالدا: سىزگە ئۇچراپ قېلىشىمىز بىزنىڭ تەلىيىمىز، ئۇنداق بولمىغاندا قىزىم توڭلاپ قالاتتى، سىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئادەم ئىكەنسىز، -دەپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەخەمجان: مەن بىر دوختۇر، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، خەنزۇلار بىلەن مىللىيلار بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرساق، بۇنداق تۈزۈت قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى، -دەيدۇ.

  مەخەمجاننىڭ دوختۇرلۇق ساھەسىگە قەدەم قويغىنىغا 15 يىل بولدى. ئۆتكەن بۇ 15 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر بىر قىسىم بىمارلارنىڭ نەچچە ئون مىڭ يۈەن داۋالىنىش ھەققىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈمىلىرىدە كۆرۈلگەن دوختۇر بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى جالىسانە مۇرەسسە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقىي پەرۋىشكارى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ مۇھەببىتى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەلبى تۇمشۇق شەھىردىكى نەچچە ئون مىڭلىغان خەلق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.

  مەخەمجان قۇربان (ئوڭدىن 5 – كىشى) بىمارلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىدە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش ۋە مەكتەپ…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 24–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرىدە 7461 كىشى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلەمسىز؟
    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ