باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 1 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەيدۇ

2016.06.24 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ تاۋلىن جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 22-ئىيۇن ئاچقان ئومۇمىي خەلق ئىلىمى-پەن ساپاسى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەركەز مالىيەسى 1 مىليون كىشىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن 1 مىليارد 390 مىليون يۈەن مەبلەغ سالماقچى. بۇ مەبلەغ زامانىۋى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنلىرى تەربىيەلەش ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى باشلامچىلىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك رادىيو، تېلېۋىزىيە مەكتەپلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە ئاساسىي ئىلىم-پەن ساپاسىنى ھازىرلىغان دېھقانلارنىڭ نىسبىتى ئاران %1.7 بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر