باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە بىرىنچى سوت ئېچىلدى

2016.06.24 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 23-ئىيۇن بىرىنچى سوتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنى سوتلىدى.

  شىنىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىپلىدى: 1996-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، جاۋابكار لى جى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ يېنىك سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ج ك پ بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددە ئېلىش، يەر ئېچىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 13 مىليون 190 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى تەلەپ قىلغان، قۇبۇل قىلغان بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن لى جىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  سوتتا، تەپتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، لى جى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن ئىسپاتنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىپلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ پىكىرلىرىنى تولۇق بايان قىلدى، لى جى ئاخىرىدا پىكىر بايان قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ ۋە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئاممىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى سوتنى ياندىن ئاڭلىدى.

  سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوتنىڭ توختىتىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر