باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.06.26 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئىيۇن خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق روھى ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا قوللاشنى زورايتىپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنى بىردەك ماقۇللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ئاكتىپ كۈچ قوشتى. بۇ يىل جۇڭگو-رۇسىيە « جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى، شەرتنامە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى بېكىتتى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئىككى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارارنى چىقىرىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر