- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي بانكا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا جاۋاب قايتۇردى
2016.06.26 14:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 24-ئىيۇن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى پۇقرالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇش نەتىجىسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق بانكىسى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى پۇقرالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئەھۋالىغا زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى پۇقرالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىنكاسىغا دىققەت قىلدى ھەم مۇناسىپ لايىھە تۈزدى.
بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، كۆپ خىل پۇل سىياسىتى ۋاسىتىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق، تولۇق ئايلىنىشنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ. خەلق پۇلى پېرېۋوتىنى بازارلاشتۇرۇش شەكلى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوتىنىڭ مۇۋاپىق، تەكشى سەۋىيەلىك ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. ئالاقىدار مەركەز بانكىسى، پۇل دائىرىلىرى ۋە ئاساسلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر