باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۇزۇن سەپەر-7» تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

2016.06.26 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئىيۇن كەچ سائەت 8 دە، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش قۇرۇلۇشى بويىچە توشۇغۇچى كېمىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان «ئۇزۇن سەپەر-7» تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلىپ تەخمىنەن 603 سېكۇنتتىن كېيىن، كۆتۈرۈش گەۋدىسى بىلەن راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، يەرگە يېقىن نۇقتىدىن 200 كىلومېتىر، يەر شارىغا يىراق نۇقتىدىن 394 كىلومېتىرلىق ئېللىپىسسىمان ئوربىتاغا كىرىپ، «ئۇزۇن سەپەر-7» تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. تونۇشتۇرۇلىشچە، «ئۇزۇن سەپەر-7» تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا ئىككى دەرىجىدىن قۇرۇلغان، تۆت ياردەمچى ئەسۋاب تېڭىلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 53.1 مېتىر، ئۇچۇش سۈپىتى 597 توننا، يەرگە يېقىن ئوربىتىدا توشۇش ئىقتىدارى 13.5 توننا، سۇيۇق ئوكسىگېنلىق كىرسىن موتور قاتارلىق يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان، يېشىل، زەھەرسىز، بۇلغىمايدىغان يېڭى دەۋر ئوتتۇرا تىپلىق توشۇغۇچى راكېتاسى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بوشلۇققا كىرىش-چىقىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر