- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ
2016.06.27 15:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2016-يىللىق تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سەۋىيە سىناق ئىمتىھانى 26-ئىيۇن ئاخىرلاشتى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش ۋاقتى 27-ئىيۇندىن 8-ئىيۇلغىچە بولىدىكەن. بۇ يىل ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇرقىغا ئوخشاش ئىمتىھان نومۇرىنى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرىدىغان بولۇپ، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە بولىدىكەن. ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدىن ئاۋغۇستنىڭ بېشىغىچە تۈركۈملەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر