باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرسۇنجان: ناۋايلىقنى ياخشى كۆرىمەن ، خەنزۇچە ئورتاق تىلنى ئۆگىنىشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن

2016.06.27 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرسۇنجاننىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدە ناۋايلىق قىلىۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولدى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى مىڭ نان ساتىدۇ. تەخمىنەن ئون كىۋادرات مېتىرلىق ناۋايخانىسى ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ بارلىقى ئىدى. يېقىنقى ئۇ ئۈچ ئايدىن بۇيان، ئۇ خەنزۇچە ئورتاق تىل ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ بىر تەرەپتىن نان يېقىپ سېتىش يەنە بىر تەرەپتىن ۋاقىت چىقىرىپ خەنزۇ تىلى تاۋۇشلارنى قوشۇپ ئوقۇش ۋە يېزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مەن ناۋايلىقنى ياخشى كۆرىمەن ، خەنزۇچە ئورتاق تىلنى ئۆگىنىشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن دېدى.

  تۇرسۇنجان قەشقەر ۋىلايىتى يېڭى شەھەر ناھىيەسى ياپچان يېزىسىدىن، ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي چۆللۈك.ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن قالغان ئىدى. تۇرسۇنجان تېرىلغۇ يېرى ئاز بولغانلىقتىن ئاكىسىغا ئەگىشىپ يىۋۇغا بېرىپ ناۋايلىق قىلىش قارارىغا كەلدى.

  ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇ خەنزۇچە چالاپۇلا سۆزلەپ نۇرغۇن نان ساتتى. شىنجاڭدىن كەلگەن رەن شياۋلى مۇنداق دېدى: تۇرسۇنجاننىڭ نانلىرى يىۋۇدىكى ئەڭ يېيىشلىك نان بولغاچقا شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقاندەكلا ھېس قىلىمەن.

  تۇرسۇنجان ،رەن شياۋلىدەك يىۋۇدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان شىنجاڭلىقلار 2000 غا يېتىدۇ. بۇنىڭ كۆپ سانلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا تىز ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، رەن شياۋلىنى خەنزۇچە ئورتاق تىلدا تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان رەن شياۋلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قازاق تىلىنى پىششىق بىلىدۇ. بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئۇ بۇ ناۋاي ئوقۇغۇچىسىغا ئۆگىنىشى ناھايىتى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تىرىشچان دەپ باھا بەردى.

  تۇرسۇنجان تۇرۇۋاتقان جىمىڭشەن مەھەللىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، مەھەللە مۇلازىمەت زالىدا مەخسۇس ئىش بېجىرىش كۆزنىكى ، مۇلازىمەت يېتەكچىلىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەرگە يېڭى كەلگەن خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارغا ياردەم بەردى. يەنە خەنزۇچە ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق پىدائىيلار پائالىيىتى ئارقىلىق، شۇ يەرگە سېڭىشىشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. ئۇندىن باشقا بۇ مەھەللە يەنە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېڭىشىش سەھنىسى بەرپا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى مەھەللىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېڭىشىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە بىرلىكتە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇدا ئۈچ يىل ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى بازار مۇھىتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا ياردەم بەردى. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئۇلارغا قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشكە ئادۋوكات تەكلىپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر