باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(6)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 – باب پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى

  29 – ماددا كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى – ئورنى، كوچا – مەھەللە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ليەندۈيى ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇندا، ئۈچتىن ئارتۇق رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولسىلا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا قاراپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنى، باش ياچېيكا كومىتېتىنى، ياچېيكا كومىتېتىنى ئايرىم – ئايرىم تەسىس قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ياكى قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەزا نامزاتىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  30 – ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ، باش ياچېيكا كومىتېتى، ياچېيكا كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل ياكى ئۈچ يىل بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتلار، باش ياچېيكا كومىتېتلىرى، ياچېيكا كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تەستىقلىتىلىشى كېرەك.

  31 – ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى:

  (1) پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر، ئىلغارلاردىن بولۇشقا پائال تىرىشىپ، پارتىيە ئىچى – سىرتىدىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئورنىغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش.

  (2) پارتىيە ئەزالىرىنى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش.

  (3) پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.

  (4) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى دائىم ئىگىلەپ تۇرۇش، ئاممىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش.

  (5) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ ۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى بېغىشلىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە مەدەت بېرىش.

  (6) پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئاكتىپلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى دائىملىق خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ۋە ياشلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.

  (7) پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق خادىمنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا، دۆلەتنىڭ مالىيە – ئىقتىساد نىزاملىرىگە ۋە كادىرلار تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چاڭ سالماسلىقىغا نازارەتچىلىك قىلىش.

  (8) ناچار خاھىشلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە ئاممىغا تەربىيە بېرىش.

  32 – ماددا پارتىيەنىڭ مەھەللە، يېزا، بازارلىق ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى ۋە كەنت، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ئۆز رايونىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەمۇرىي تەشكىلاتلارنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كوللېكتىپ كارخانىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ شۇ كارخانىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيەت، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ۋە دىرېكتور (زاۋۇت باشلىقى)نىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ جان – دىل بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا تايىنىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ كارخانىنىڭ چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتنىشىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتكە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتكوم رەھبەرلىكىدە مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا، خىزمەتنى ياخشىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ، مەمۇرىي مەسئۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلمايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر