- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرلەش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2016.06.27 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر، ئىمىنجان ھېكىم خەۋىرى، فوتوسى) 25- ئىيۇن، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىندا 2016- يىللىق ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، مۇنەۋەر پارتىيە خىزمەتچىسى ۋە مۇنەۋەر پارتىيە ئەزالىرى تەقدىرلەندى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئەزالار ۋە پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەردى.
يىغىنغا قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتى تەۋەللىكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، «ئۈچ ئەل » خىزمەت ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇپ 180 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر