باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(9)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8 – باب پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى

  43 – ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىشى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويۇشىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا پارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى ئەۋەتسە بولىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى پارتىيەنىڭ شۇ ئورگاندىكى رەھبىرىي تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ شۇ ئورگاندىكى رەھبىرىي تەشكىلاتى قوللىشى شەرت.

  44 – ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: پارتىيە نىزامنامىسىنى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىدۇ؛ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بىر قەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى تەكشۈرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇ دېلولاردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان جازانى قارار قىلىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىكايىتىنى ۋە ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بۇنداق مەلۇماتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوللىشى لازىم.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىدا پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەتنىڭ بارلىقىنى سەزسە، ئاۋۋال دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقسا بولىدۇ، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا چېتىلغانلىرىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتقا يوللىغاندىن كېيىن، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

  45 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى تەستىقلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. شۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆزگەرتمەكچى بولغان قارارى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇنداق ئۆزگەرتىشنى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.

  پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى سېزىلگەن، ئۇنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەل قىلمىغان ياكى توغرا ھەل قىلمىغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ياردەم سوراشقا ھوقۇقلۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر