باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(11)

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 – باب پارتىيە بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى

  49 – ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىلغار ياشلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتى، كەڭ ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

  50 – ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پارتىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى كەڭ ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، جۇشقۇن، ئىجادىي ئىشلەپ، ئىتتىپاقنىڭ زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى ۋە كەڭ ياشلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللىشى لازىم.

  ئىتتىپاقنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە ئەزاسى بولسا، پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتىنىڭ ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر