خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇن، يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش مەزگىلىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگونىڭ ھەمراھلىقىدا، تيەنجىندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تيەنجىن گۇاڭديەن گۇرۇھى 60 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە كونا كارخانا، لى كېچياڭ بۇ گۇرۇھقا بېرىپ، تېخنىكلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇش، تەتقىقاتچىلارنى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق يېڭى كارخانا قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەنلىكىنى ماختىدى ۋە مۇنداق دېدى: دۆلەت چوڭ كارخانىلىرى بازار دولقۇنىدا قەددىنى رۇسلاپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش «دولقۇن يېرىش تاختىسى» دىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، «ئىگىلىك تىكلەش، ياڭىلىق يارىتىش» تىشتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ «بۆلۈنۈش شەكلى» دە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى